باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97.1كە يەتتى

دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولماقتا

2018.07.31 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى باشلانغان مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، 2018- يىللىق دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى ئۆلچەش پىلانى بويىچە تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە جەمئىي 153 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى 92 تۈرلۈك مەھسۇلاتتىن 20 مىڭغا يېقىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن، تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى ئىلگىرىكى 94 تۈردىن 122 تۈرگە كۆپەيتىلگەن، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97.1كە يەتكەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى مۇقىملىق ئىچىدە ئەلالاشقان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى سىجىل ياخشى بولغان.

  مۇكەممەل بولغان يېزا ئىگىلىكى سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا تايىنىدىغان ئۆلچەم بار بولۇش، مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈشتە ئۆلچەم بار بولۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ھۆكۈم قىلىدىغان ئۆلچەم بار بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇاڭ دېفۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كۆزىتىش پارامېتىرى %30كە يېقىن ئاشقان ئەھۋالدا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97.1كە يەتتى. بۇ، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنىڭ بىر قەدەر ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ». بۇ يىل كېڭەيتىلگەن ئۆلچەش پارامېتىرى دائىرىسى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق دورىسى ۋە چارۋىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىئوتىكلار قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۆلچەش كۆرسەتكۈچى بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكى، نوپۇزلۇقلۇقى، قاپلىنىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

  سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش. ھازىرغا قەدەر، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمىدىن 12مىڭ 695 تۈرنى بېكىتىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 6678 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى، 6017 تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ساھە ئۆلچىمى، 4140 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقلىرىنىڭ چەك مىقدارى ئۆلچىمى، 1548 تۈرلۈك چارۋا دورىسى قالدۇقىنىڭ چەك مىقدارى ئۆلچىمى، 67 تۈرلۈك يەم-خەشەك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى، 757 تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۆلچەملەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، دېھقانچىلىق ۋە چارۋا دورىلىرى قالدۇقى چېكىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئۆلچىمى بولسا، ئاساسىي جەھەتتىن دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق ۋە چارۋا دورىلىرى تۈرى ۋە ئاساسلىق يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تۈرلىرىنى قاپلىدى، ھەمدە 100 ھەسسە بىخەتەرلىك كىلاپان قىممىتى قوشۇلدى، ھەمدە خەلقئارا يېمەكلىك قانۇنى توپلىمى بىلەن تۈزۈش ئۇسۇلى جەھەتتە بىردەكلىك ساقلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر