باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

2018.08.01 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 31-ئىيۇل خەلق سارىيىدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې سۆز قىلدى، مەركىزىىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىشتاب باشلىقى لى زوچېڭ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ شېڭمىن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىدا چىراقلار چاقناپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار زالغا لىق تولغان بولۇپ، بايرامنى خۇشال تەبرىكلىمەكتە ئىدى. رەئىس سەھنىسى ئارقا پەردىسىنىڭ مەركىزىگە كاتتا «1-ئاۋغۇست» ھەربىي گېربى تارتىلغان، ئون دانە ئوتقاشتەك قىزىل بايراق گېربنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېسىلغان ئىدى. «2018-1927» دەپ چوڭ يېزىلغان سان ئالتۇندەك يالتىراپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق 91 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر