باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ باش كاتىپى مۇراجىئەت قىلىپ، ئادەم ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش كېرەك، دېدى

2018.08.01 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 7- ئاينىڭ 30- كۈنى مۇراجىئەت قىلىپ، ئادەم ئېلىپ سېتىشتەك جىنايى قىلمىشلارغا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە زەربە بېرىش كېرەك، دېدى.

  7- ئاينىڭ 30- كۈنى بولسا، ئادەم ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرىغا دۇنياۋى زەربە بېرىش كۈنى. گۇتېررېس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەڭسىزلىك، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار ئادەم ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرىنى پەيدا قىلىشنىڭ ئەسلى ئۇۋىسى. ئادەم ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇ خىل قىلمىشلار كۆپىنچە چىگرا ھالقىغان بولىدۇ. بۇ خىل جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا قانۇنىي جازاغا تارتىلماي ئەركىن يۈرۈشى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل جىنايىتى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىشىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكتىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى چوقۇم ئۆزگەرتىش لازىم.

  گۇتېررېس مۇنداق دېدى: ب د ت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قوغداش ۋە قوللاشقا كۈچ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزلەيدۇ. ئۇ يەنە مۇراجىئەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، قوغداش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئادەم ئېلىپ سېتىشتەك بۇ خىل جىنايى قىلمىشلارنى توسۇش كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر