باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز تەيۋەن رايونى رەھبىرىنىڭ «چېگرادىن ئۆتۈش» مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردۇق، دېدى

2018.08.01 11:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەردە دېيىلگەن تەيۋەن رايونى رەھبىرى سەي يىڭۋېننىڭ كېلەر ئايدا پاراگۋاي ۋە بېلىزدە زىيارەتتە بولۇش ھەمدە ئامېرىكا «چېگراسىدىن ئۆتۈش» ئىشىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 31-ئىيۇلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى. «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق قىلمىش چوقۇم بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ ھەمدە تەيۋەن خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تېزدىن «92-يىللىق ئورتاق تۇنۇش»قا قايتىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئېقىمغا قارشى ئىشلارنى ئەمدى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  ئۇ مۇنداق دېدى: تەيۋەن رايونى رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش «چېگرادىن ئۆتۈش» مەسىلىسى ھەققىدە، جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا ياكى باشقا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل «چېگرادىن ئۆتۈش»نى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئىزچىل تۈردە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇ مەيدانىمىز ئېنىق شۇنداقلا مۇستەھكەم.

  گېڭ شۇاڭ: «بىز ئامېرىكا تەرەپنى بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن رايونى رەھبەرلىرىنىڭ «چېگرادىن ئۆتۈشى»گە يول قويماسلىقىغا، ‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى› كۈچلىرىگە ھەرقانداق خاتا سىگنال بەرمەسلىكىگە، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر