باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن140 مىليارد يۈەن چۈشۈردى

يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 26 مىليارد 600 مىليون يۈەن چۈشۈرۈلدى

2018.08.01 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلارنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2018-يىلى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 46 مىليارد 770 مىليون يۈەن چۈشۈرگەن، بۇنىڭغا ئىلگىرى چۈشۈرۈلگەن 92 مىليارد 860 مىليون يۈەن ھەمدە شىنجاڭدىكى بىڭتۈەن تارماقلىرىنىڭ خامچوتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 460 مىليون يۈەننى قوشقاندا، 2018-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتىغان 140 مىليارد 90 مىليون يۈەنلىك ئومۇمىي تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇ تولۇقلىما مەبلىغىنى جايلار بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، جىددىي ياردەم بېرىش، سەرگەردان تىلەمچىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بەش جەھەتكە چىقىم قىلىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، جايلارنىڭ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش ئۈچۈن،مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2018-يىلى يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن يەتتە مىليارد 850 مىليون چۈشۈرگەن، بۇنىڭغا ئىلگىرى چۈشۈرۈلگەن 18 مىليارد 750 مىليون يۈەننى قوشقاندا، 2018-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاتىغان 26 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك ئومۇمىي تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇ تولۇقلىما مەبلىغى ئارقىلىق، تۆۋەن كاپالەتلىك، ھەمدە يېزىلاردا تارقاقلاشتۇرۇلغان باشقان قىيىنچىلىقلىرى ئېغىر ئادەملەر، نامرات مېيىپلار ئائىلىسى ۋە كارتا بېجىرىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق تۆت نۇقتىلىق 190 مىليون ئائىلە ئوبيېكتلىرىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى قوللىدى. ئەمدى بۇنىڭ بىلەن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 2016- يىلى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلغان، مەملىكەت بويىچە بەش مىليون 850 مىڭ ئائىلە تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر