- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مېكسىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي يەرگە چۈشۈپ پاچاقلىنىپ كېتىپ، تەخمىنەن 85 كىشى يارىلاندى
2018.08.01 16:32 مەنبە: خەلق تورى
مېكسىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 7- ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مېكسىكىنىڭ دۇرانگو ئىشتاتىدىكى بىر ئايرودرومدىن ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن.
مېكسىكا خەۋەرلىشىش ۋە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مېكسىكىنىڭ دۇرانگودا يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى ئايروپىلاندا جەمئىي 97 يولۇچى ۋە تۆت ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى، دېدى.
مېكسىكا دۇرانگو ئىشتاتلىق خەلق مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ باياناتچىسى 7- ئاينىڭ 31-كۈنى شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە، بۇ ئىشتاتتا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ئايروپىلاندىكى تەخمىنەن 85 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر