باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ ئىران رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

2018.07.31 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 30-ئىيۇل ئۆزىنىڭ ئىران رەھبىرى بىلەن «ئالدىنقى شەرت قويمىغان» ئەھۋال ئاستىدا كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ترامپ شۇ كۈنى ئاق سارايدا زىيارەتكە كەلگەن ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورالغاندا، ترامپ: «ئەگەر ئۇلار (ئىران تەرەپ) كۆرۈشۈشنى خالىسا، ئۇنداقتا بىز كۆرۈشىمىز»، دېدى. ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئۈچۈن ھېچقانداق «ئالدىنقى شەرت» قويمايدىغانلىقىنى، كۆرۈشۈشنىڭ «ھەر قانداق ۋاقىتتا» ئۆتكۈزۈلسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ترامپ يەنە، ئۆزىنىڭ ھازىرچە ئىران تەرەپنىڭ كۆرۈشۈشنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ترامپ 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ھەمدە ئىران يادرو كېلىشىمى سەۋەبلىك كەچۈرۈم قىلىنغان ئىراننى جازالاشنى قوزغاتقانلىقىنى جاكارلىدى. يېقىندىن بېرى، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا گەپ ئەۋەتىشكەندە، كۆپ قېتىم ئوق-دورا ھىدى پۇراپ تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر