باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنىڭ جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك

2018.07.31 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جېڭىنى قانۇن بويىچە ياخشى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇنىڭ جازالاش، نازارەت قىلىش، قوغداش، تەربىيلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئەڭ قاتتىق بولغان قانۇن» ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە قانۇن بويىچە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى «ئەڭ قاتتىق تۈزۈم»نى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جىنايى ئىشلار تەپتىشى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش كۆرىشىنى يولغا قويۇشقا دەخلى قىلىدىغان ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش لازىم. "قەتئىي كەچۈرمەسلىك" پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زەھەرلىك ۋە زىيانلىق بۇلغانمىلارنى قانۇنسىز قويۇپ بېرىش، تۆكۈش ياكى بىر تەرەپ قىلىش جىنايىتى، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلغانمىلارنى قانۇنسىز قويۇپ بېرىش جىنايىتى؛ مۇھىتنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە ساختىلىق بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىش، كاشىلىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە دەخلى قىلىش ۋە مۇھىت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى بۇزۇش جىنايىتى؛ كىنىشكىسىز ھالدا باشقىلارنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى ساختا پىكرىنى قەستەن تەمىنلەش دېگەندەك مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەق تەلەپ مەمۇرىي تەپتىشلىكى ۋە جامائەت مەنپەئەتى دەۋا تەپتىشلىكىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قوغداشقا چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش كېرەك. دىققەتنى سۇ ۋە تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى دېلولىرىنى بېجىرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان قۇرۇلمىلىق بۇلغىنىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكى ۋە ئەدلىيە كاپالىتى كۈچلۈك بولماسلىق، قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى قوغداش لازىم. دېلو تەكشۈرۈش سۈپىتى بولسا، ئەدلىيە پائالىيەتلىرىنىڭ جان تومۇرىدۇر، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىش، جىنايەت بىلەن جازانى قانۇن بويىچە بەلگىلەپ، گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىپ، دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دەلىل-ئىسپاتنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى كۈچەيتىپ، دېلو تەكشۈرۈشنىڭ سۈپەت ئاساسىنى پۇختىلاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر