باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جۇڭ خۇا بىرلەشمە تېببىي دورىگەرلىك سانائەت رايونى ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىغا ئورۇنلاشتى

قۇرۇلۇش ئىككى يىل ئىچىدە پۈتىدۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۈجۈپىلىك كەسپىي تېببىي دورىگەرلىك سانائەت رايونىغا ئايلىنىدۇ

2018.08.01 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان شىنجاڭ جۇڭ خۇا بىرلەشمە تېببىي دورىگەرلىك سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىغا ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئىش باشلاندى. بۇ تۈر ئىككى يىل ئىچىدە پۈتىدۇ، شۇ چاغدا ئۇ شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دورا ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئوبوروتى، ئەشيا ئوبوروتى بىر گەۋدە قىلىنغان تۈجۈپىلىك كەسپىي تېببىي دورىگەرلىك سانائەت رايونىغا ئايلىنىدۇ.

  بۇ تېببىي دورىگەرلىك سانائەت رايونى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش رايونى، نەپىس خىمىيە سانائىتى كەسىپ باغچىسى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىن كېيىن مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا قۇرۇلغان يەنە بىر سانائەت باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇش پىلانلانغان تۆت چوڭ سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى.

  بۇ تېببىي سانائەت باغچىسى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى شىڭدا شەرقىي يولى خىمىيە سانائىتى باغچىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان، كۆلىمى 400 مو، تۈرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 260 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىق قۇرۇلۇشلار ئىسكىلات ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى، ئۇنىۋېرسال ئىشخانا ۋە تۇرمۇش يانداش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇش تۈرى ئىككى قارارغا بۆلۈپ سېلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى قۇرۇلۇش پۈتىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېببىي دورىگەرلىك كارخانىلىرى، تېببىي دورىگەرلىك زەنجىرسىمان سېتىش كارخانىلىرى، داۋالاش ئەسۋابلىرى كارخانىلىرىدىن 100 دىن ئارتۇقى بۇ يەرگە ئورۇنلىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى قاپلىغان تېببىي دورىگەرلىك ئېلېكترونلۇق سودا راسچوت مەركىزىدىن بىرسى قۇرۇلىدىكەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم تېببىي دورا يەتكۈزۈش، يىغىش، تارقىتىش بۇ سانائەت باغچىسىدا تاماملىنىدىكەن، بۇ سانائەت باغچىسى 2000 كىشىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، دەسلەپكى مۆلچەردە ھەر يىلى 3 مىليارد يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر