باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.07.31 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30- ئىيۇل گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، جىلىن چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەمدە قەتئىي تۈردە قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، شۇنداقلا دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى؛ مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمدە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ھازىر چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ ئادەمگە ئىشلىتىش ئۈچۈن توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمى ۋە دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ساختىلىق ئىشلىتىش، ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى تەكشۈرۈلۈپ بايقالدى، ھەمدە بۇ قىلمىشلارنىڭ خاراكتېرى قەبىھ بولۇپ، جىنايەتكە چېتىلىدۇ، دەپ بېكىتىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرماقتا ھەمدە ئۇلارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلماقتا. كېلەركى قەدەمدە، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ. بىرىنچىدىن، دېلونى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دېلوغا چېتىشلىق كارخانا ۋە مەسئۇللار، ھەم قاتناشقۇچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ئېغىر جەرىمانە قويىدۇ، ئەدلىيە تارماقلىرى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى يەنىمۇ سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، جايلاردىكى دېلوغا چېتىشلىق تېخى ئىشلىتىلمىگەن ۋاكسىنىلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ يوقىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بۇ خىل ۋاكسىنىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان 46 كارخانىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتكە نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرىدۇ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. تۆتىنچىدىن، دېلوغا چېتىشلىق ئۇ ۋاكسىنىلارنىڭ ئەملىنىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خەۋپ باھاسىغا ئاساسەن، تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىلمىي ھالدا تۈزۈپ چىقىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلىيەتكە ئاساسەن چۈشەندۈرۈش بېرىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ مەسىلىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بەشىنچىدىن، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سېلىنمىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنى خەلق رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ياخشىلاش، ھەمدە ئۇنىڭغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشقا مۇۋاپىق ھالدا مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سېلىنمىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ چىقىمى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئادىل ھەم سۈپەتلىك بولغان مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.جايلار رايون ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجىتى ۋە مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش ئاساسىي ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جەمئىيەت كۈچلىرىنى مائارىپقا كۆپرەك مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مالىيەلەر چوقۇم مائارىپ خىراجىتى ساقلانما مەبلىغىنى ئالدى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇپ، كۆپەيمە مەبلەغنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارغا كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك. خىزمەت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى بارلىق مالىيەلەر مائارىپ مەبلىغىغىچە كېڭەيتىپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھەشەم قىلىپ مەكتەپ سېلىشنى چەكلەپ، مائارىپ خىراجىتىنى ھالقىلىق جايلارغا ئىشلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر