باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ دۆلەت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قىسمەن ھەربىيلەرگە بېرىلىدىغان نەپىقە ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرىدۇ

2018.07.30 19:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قىسمەن ھەربىيلەر ۋە باشقا نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەرگە بېرىلىدىغان نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردىمى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرىدىكەن.

  1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تۆۋەندىكىدەك مېيىپلار (يەنى مېيىپ ھەربىيلەر، مەجرۇھ خەلق ساقچىلىرى، دۆلەت ئورگىنىدىكى مەجرۇھ خىزمەتچىلەر، مەجرۇھ خەلق ئەسكەرلىرى، خەلق ئىشچىلىرى)غا بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلىنىڭ ئۆلچىمى، «ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى» (يەنى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى)غا قەرەللىك بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلىنىڭ ئۆلچىمى، «ئۈچ قىزىل» (يەنى يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىن يېزىدا تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، قىزىل ئارمىيەدىن ئايرىلىپ قالغان خادىملار)غا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقى ئاساستا يەنە %10 ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن يېزىلاردىكى پېشقەدەم ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقى ئاساستا يىلدا يەنە كىشى بېشىغا 1200 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ياشانغان پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقى كىشى بېشىغا ھەر ئايدا 390 يۈەندىن 440 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، يۇقىرىقى راسخوتلارنى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  كېسەل سەۋەبىدىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقى كىشى بېشىغا ھەر ئايدا 500 يۈەندىن 550 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە سىناققا قاتناشقان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقى كىشى بېشىغا ھەر ئايدا 550 يۈەندىن 600 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئۆتىگەن ھەر بىر يىللىق ھەربىي مەجبۇرىيىتىگە ھەر ئايدا بەش يۈەندىن ياردەم پۇلى قوشۇلۇپ، ھەر ئايدا 35 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئۆستۈرۈلگەن راسخوتلارنى مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك مالىيە نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر