7-ئاينىڭ 31-كۈنى، يەمەننىڭ سانادىكى بىر دوختۇرخانىسىدا، دوختۇر خولېرا بىلەن يوقۇملانغان بالىلارنى تەكشۈرمەكتە.
ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىشىچە، ئۆتكەن 13 ئايدا، يەمەندە خولېرا كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ گۇمان قىلىنغانلار 1 مىليون 120 مىڭغا يېقىنلاشقان، 2311 كىشى خولېرا بىلەن قازا قىلغان. بالىلار فوندىنىڭ دېيىشىچە، سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن يەمەندىكى خولېرا يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرماقتا ئىكەن، ۋاھالەنكى، شارائىتى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان سەھىيە سىستېمىسى ۋە ئىزچىل توقۇنۇش ئېلىپ كەلگەن خىرىسلار بۇ تىرىشچانلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى