باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2018.08.13 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاۋغۇست، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 40 يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ۋە سىياسىيونلىرى جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈش ھۆكۈمىنى چىقىرىپ، قانۇنىي شەكىلدە جۇڭگو-ياپونىيە قوشما باياناتىنىڭ تۈرلۈك پىرىنسىپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مۇھىم ئابىدە تىكلەپ بەرگەن ئىدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كەلدى ھەم شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدا، مەن تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەگە بېرىپ، 7-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتىم ھەم ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن نورمال تەرەققىيات ئىزىغا چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈردۈم. جۇڭگو ياپونىيە بىلەن داۋاملىق تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بويىچە، جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ تۈرلۈك پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، سىياسىي ئاساسنى قوغداپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ تىزگىنلەپ، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئابى شىنزو تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 40 يىل ئىلگىرى ياپونىيە بىلەن جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك نامايەندىسى بولغان تىنچلىق ۋە دوستلۇق روھىنى ئەستە مەڭگۈ ساقلاشنى شەرتنامە قىلىپ پۈتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە-جۇڭگو ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئاساستا ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ئەمەلىي تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. ياپونىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، گۈللىنىشىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل تېمىلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  ئابى شىنزو مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدا، زۇڭلى لى كېچياڭ ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى، بۇ قېتىمقى زىيارەت بۇنىڭدىن كېيىنكى ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ زىيارەت ئارقىلىق ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى نورمال تەرەققىيات يولىغا قايتىپ كەلدى. مەن بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەقەززامەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر