باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئىقتىساد ئۇرۇشى» بېشىغا كەلگەندە تۈركىيە ئامېرىكىغا باش ئېگەرمۇ؟

2018.08.13 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە 11-چېسلا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئامېرىكىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىققا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق قىلماسلىققا، بولمىسا تۈركىيەنىڭ «يېڭى ھەمراھ ۋە ئىتتىپاقداش» ئىزدەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ پولات- ئاليۇمىنلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، تۈركىيە لىراسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

  تەھلىلچىلەر، ئامېرىكىنىڭ «تۇيۇقسىز زەربە شەكلىدىكى» باجنى كۆپەيتىشى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار ئىچىدىكى تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولۇپ، تۈركىيە-ئامېرىكا جىددىي مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە زىددىيىتىنى پەسەيتىش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر