8-ئاينىڭ 13-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يۈشى شەھىرى توڭخەي ناھىيەسىدە، ئامما يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يېڭى رايون مەيدانىغا بېرىپ پاناھلانماقتا (يانفوندا تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 13-ئاۋغۇست سائەت 1دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يۈشى شەھىرى توڭخەي ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 24.19 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 102.71 گىرادۇس) دە 5.0 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا 12-ئاۋغۇست سائەت ئىككىدە ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە توڭخەي ناھىيەسىدە تەۋرەش سېزىمى روشەن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقتىدا سىرتقا چىقىپ جىددىي خەۋپتىن ساقلانغان، نۆۋەتتە ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش، ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئىستاتىستىكا قىلىنماقتا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى