باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلغىلى بولمامدۇ؟ ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسى تاپشۇرمىسىمۇ بولامدۇ؟

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا كېسەلخانا ھەققى ۋە كۈن سانىغا چەكلىمە قويۇلمىغان

(دەلىللەش ۋە سىياسەتنى ئېنىقلاش②)

2018.08.13 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلغىلى بولمامدۇ؟ ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسى تاپشۇرمىسىمۇ بولامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12 رايوندا تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى توغرىسىدىكى ماقالىلەر بىر قىسىم تور سۇپىلىرىدا داۋاملىق تارقىلىپ، ئاممىنىڭ مۇنازىرىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىنمايدىكەن»، «كېسەل كۆرسىتىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن مەھەللە شىپاخانىسىغا بېرىپ كۆرسەتمىسە، ئاتچوت قىلىنمايدىكەن» ، «ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە قايتا پەرزەنت كۆرمەيدىغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىكەن» . . . بۇ گەپلەر دۆلەت سىياسىتىگە ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ قانداق خاتا چۈشەنچىلەر بار؟ مۇخبىر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرگە چۈشەنچە بەردى.

  ئاۋۋال مەھەللە شىپاخانىسىغا بېرىپ كۆرىنىپ، ئاندىن دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالانمىسا ئاتچوت قىلدۇرغىلى بولمامدۇ؟ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەكمۇ؟

  جاۋاب: ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويدۇرۇش توغرىسىدا مەجبۇرىي بەلگىلىمە يوق، كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتى ۋە كۈن سانىغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا چەكلىمە قويۇلمىغان.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نوپۇس ۋە ئەمگەك-ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن چيۇلىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويدۇرۇش توغرىسىدا مەجبۇرىي بەلگىلىمە يوق، بىمار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى ئەركىن تاللاپ داۋالانسا بولىدۇ، ھېچقانداق يۆتكىلىپ داۋالىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كەتمەيدۇ. ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويدۇرۇش ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالىنىش بولسا، ئاتچوت قىلىش پىشاڭى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاساسىي قاتلامدا داۋالانسا، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى چوڭ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىمارلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۇنجى دىياگنوز قويدۇرۇپ داۋالىنىشقا يېتەكلىنىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، لېكىن ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويدۇرۇش ۋە داۋالىنىش توغرىسىدا مەجبۇرىي بەلگىلىمە يوق.

  چېن چيۇلىن يەنە مۇنداق دېدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى ئەزەلدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كېسەلخانا خىراجىتىدە، داۋالىنىش سوممىسىغا چەك قويۇلمىغان. سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارماقلىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئوتتۇرىچە داۋالاش ھەققىگە قارىتا باھالىشى، ئوتتۇرىچە دوختۇرخانىدا يېتىش كۈن سانىغا نىسبەتەن بەلگىلىمىسى بار؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسىغا نىسبەتەن چەكلىمىسى بار، قىسمەن كېسەل تۈرلىرىگە نىسبەتەن داۋالىنىش سوممىسىنى چەكلەشنى يۈرگۈزىدۇ، يەنى مۇناسىپ شۇ خىل كېسەلنىڭ داۋالىنىش سوممىسى مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان، ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان، ھەرگىز بىر بىمارغا قارىتا داۋالىنىش ھەققىدە چەكلەش قويۇلمىغان. دوختۇرخانىدىكى داۋالىنىش ھەققى سۇغۇرتىنىڭ ئاتچوت قىلىش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆز يېنىدىن چىقارمايدۇ.

  توردا مۇنداق بىر گەپ بار: «داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشتا، كېسەلخانىدا يېتىش كۈن سانىغا قارىتا چەكلىمە بار ئىكەن، يەنى 15 كۈن ئىچىدە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار ئىكەن» بۇنىڭغا قارىتا چېن چيۇلىن مۇنداق دېدى: «داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ئوتتۇرىچە كۈن سانىغا قارىتا تەكشۈرۈشى بار، بۇ يەككە بىمارلارنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش كۈن سانىغا قارىتا چەك قويۇش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بەزى بىمارلارنىڭ كېسەلخانىدا ياتقان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش ئوتتۇرىچە كۈن سانىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئايرىم دوختۇرخانىلار بىمارنى ئالدى بىلەن دوختۇرخانىدىن چىقىشقا بۇيرۇپ، ئاندىن يەنە قايتا كېسەلخانىغا قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىنىڭ 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك، دەيدىغان بۇنداق بەلگىلىمىسى يوق.»

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تۆلىمىگىلى 3 ئاي بولسا، قالدۇق سوممىسى نۆل بولۇپ قالامدۇ؟ شەخسىي داۋالىنىش ھېساباتىدىكى پۇلنى ئەركىن ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ جاۋاب: شەخسلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ھېساباتىدىكى پۇلى نۆل بولمايدۇ، لېكىن چىقىم قىلىش دائىرىسى چەكلىنىدۇ، نەق پۇلنى ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مىسالغا ئالساق، بىر تۇتاش غەملەش + شەخسىي ئىسچوت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، شۇنداقلا يەنە ئۇدا ھەق تاپشۇرغان ۋاقتىنىڭ چوقۇم چېكى توشقاندىن كېيىن (ئادەتتە 25 يىل، 20 يىل ياكى 15 يىل)، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھەق تاپشۇرماي تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. تاپشۇرۇش 3 ئاي ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، بىر تۇتاش غەملەش ھېساباتىدىكى ئۇدا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قايتىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئەسلىدىكى ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى نۆلگە قايتۇرۇلىدۇ. لېكىن بىر قىسىم جايلاردا پېنسىيەگە چىققاندا تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقىمۇ يول قويۇلىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇدا ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى بۇزۇلمايدۇ، شەخسىي ھېسابات كارتىسىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسى شۇ شەخسنىڭ، ئۇنى نۆلگە تەڭشىۋەتمەيدۇ. ۋاڭ جېن يەنە مۇنداق دېدى: شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قارىتا نەق يىغىپ، نەق تۆلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، شەخسىي ئىسچوت مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا نۆلگە قايتۇرۇش دېگەن سۆز مەۋجۇت ئەمەس. بەزى رايونلاردا پۇل تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن (ھەرقايسى جايلارنىڭ ۋاقتى ئوخشاشمايدۇ)، قايتا تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، ئاتچوت قىلالمايدۇ، لېكىن پەقەت قايتا ھەق تاپشۇرسىلا، كېيىنكى ئايدىن باشلاپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى شەخسىي ئىسچوتى شەخسكە تەۋە، لېكىن ئۇنىڭدىكى فوند شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش قىسمىدىن باشقا، يەنە بىر تۇتاش جۇغلاش فوندى ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا چوقۇم شەخسى ھېساباتنى چىقىم قىلىش دائىرىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك، خالىغانچە نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇشقا، بۇيۇمغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شەخسىي ئىسچوتنى پەقەت داۋالىنىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چېن چيۇلىن مۇنداق دېدى: بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەردە داۋالىنىش سۇغۇرتا ئىسچوتىنى بىر ئائىلىدە ئورتاق داۋالىنىش چىقىمىغا ئىشلەتسە بولىدۇ، يەنى جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى چىقىمىغا ئىشلەتسە بولىدۇ، پەقەت بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە جورىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، كارتىنى باشقىلارغا خالىغانچە بېرىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر