باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم

مەركەز مالىيەسى ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ

2018.08.10 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ ئۇزاققىچە سىجىل راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شال، كۆممىقوناق، بۇغداي ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەركەز مالىيەسىدىن يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزدى. 2018-يىلى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشتا، مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمە بويىچە مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دېھقانلار، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى ۋە ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى قاتارلىقلار قانات يايدۇرغان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشتا، ئۇلار قاتناشتۇرغان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  دېيىلگەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش − «ئۇرۇقچىلىق قانۇنى»غا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدا ئەنگە ئالدۇرۇپ قانات يايدۇرغان شال، كۆممىقوناق، بۇغداي ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆپەيتىش ۋە تاۋارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇرۇق سورتلىرىنى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ۋە ئۇرۇققا مەسئۇل تارماقلار مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارغا تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر