8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ لومبوك ئارىلىدا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى توشۇماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى 8-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: 5-ئاۋغۇست لومبوك ئارىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 131 گە يەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا 1477 ئادەم يارىلاندى.
ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشتە يەنە 40 نەچچە مىڭ يۈرۈش ئۆي ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇشلار زىيانغا ئۇچرىدى، 156 مىڭ يەرلىك ئامما ئامالسىز چېكىندۈرۈلدى. ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، تالاپەت ۋە مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
سۇتوپو مۇنداق دېدى: 131 قازا قىلغۇچىنىڭ ھەممىسى ھىندونېزىيە پۇقراسى. ھازىر ئېغىر يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇ جايدىكى دوختۇرخانا ۋە شىپاخانىلاردا داۋالىنىۋاتىدۇ، يېنىك يارىلانغانلار كۆپ بولغانلىقتىن، كونكرېت سانىنى ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى