باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شۇجىڭ تېلېسكوپى ئاسماننى كۆزىتىشتىكى بىر قېتىملىق خىزمىتىنى تاماملىدى

پۈتۈن ئالەم بويىچە ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان لىتىي تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز بايقالدى

بىر مىليون 340 مىڭ گۇرۇپپا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىسپېكتىر پارامېتىرى بېكىتىلدى

2018.08.08 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 7- كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئۇلار باشقۇرغان ۋە ئىشقا سېلىۋاتقان بۇ دۆلەتلىك مۇھىم پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى گو شۇجىڭ تېلېسكوپى (LAMOST)نىڭ ئاسماننى كۆزىتىشتىكى بىر قارارلىق ئىسپېكتىر خىزمىتى تولۇق تاماملىنىپ، توققۇز مىليون 10مىڭ ئىسپېكتىر ئېلان قىلىندى، بەش مىليون 340 مىڭ گۇرۇپپا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىسپېكتىر پارامېتىرى بېكىتىلدى. LAMOST تا ئېلان قىلغان ئىسپېكتىر سانى بولسا، ئاسماننى كۆزىتىشتىكى دۇنيادىكى باشقا تۈرلەردە ئېلان قىلىنغان ئىسپېكتىر ئومۇمىي سانىنىڭ 1.8 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى LAMOST سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتقى بوشلۇق قۇرۇلمىسىنىڭ كەسمە يۈز خەرىتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىزىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە 10 مىڭ تالدىن ئارتۇق كەم مېتاللىق يۇلتۇزلار بايقالدى. نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ھەمدە ھازىر بار بولغان چوڭ تېلېسكوپقا ماس كېلىدىغان، ئىز قوغلاپ كۆزىتىشنىڭ ئالەم تاشقا ئايلانماق ئەۋرىشكىسىنى بەرپا قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەن تەتقىقات خادىملىرى يەنە بىر تۈركۈم ئاز ئۇچرايدىغان، لىتىي ئېلېمېنتلارنىڭ موللۇق دەرىجىسى نورمال قىممەتتىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، كىچىك كەم مېتاللىق يۇلتۇزنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر تال لىتىي ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى تەخمىنەن ئوخشاش تۈردىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ 3000 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. نۆۋەتتە، مەلۇم بولغان لىتىي ئېلېمېنتلارنىڭ موللۇق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردۇر . بۇ بىر غايەت زور بايقاش بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەردە خەلقئارا ئىلىمىي ژۇرنال «تەبىئەت. ئاسمان جىسىملىرى ۋە ھادىسىلىرى» ژۇرنىلىدا ۋە توردا ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر