خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 10 يىل ۋاقىت ئۆتتى، 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى تەنتەنىلىك كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خۇددى ئون يىل بۇرۇنقى ئاشۇ كېچىدە بېيجىڭ ئاسمىنىدا كۆرۈلگەن «چوڭ ئاياق ئىزى»نى دەسسەپ كەلگەنگە ئوخشاش، قەدەممۇ- قەدەم مەزمۇت كېلىۋاتماقتا.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى بۇ ئون يىلدا، جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ يولىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىدىن، ئولىمپىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشلامچىلىق قىلىشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالدى.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى بۇ ئون يىلدا، جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، «ساغلام جۇڭگو» تەنتەربىيەدىكى كۈچلۈك ئاۋاز بولۇپ قالدى، تەنتەربىيە دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى ھەر تەرەپلىمە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى دەۋرنىڭ ئېقىمىغا قوشۇلماقتا.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى بۇ ئون يىلدا، ئاسمان تېخىمۇ كۆك بولدى، سۇ تېخىمۇ سۈزۈكلەشتى، ئۆزىگە ئىشەنگەن تەمكىن مىللىي روھىي ھالەت بارا-بارا يېتىلىپ زورايدى، تەنتەربىيە گېنى ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالماقتا.
سۈرەتتە: 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئوينالغان «تارىخىي ئىز» ناملىق نومۇردىكى «پۇت ئىزى» ساليوتلىرى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى