باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارمىقى «قاتناش ساقچى- پوچتا- سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەمكارلىق سىنىقىنى ئىلگىرى سۈردى

پىراۋا ئېلىش ئىمتىھانى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى ئىشىك ئالدىدىلا بېجىرگىلى بولىدۇ

2018.08.07 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى جاڭ تاۋ تېخى يېڭىلا شوپۇرلۇق مەكتەپكە تىزىملاتقان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، ئۇ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى شەرقىي گۇمۇدى يولىدىكى «قاتناش ساقچى-پوچتا-سالامەتلىك تەكشۈرۈش» مەركىزىگە كېلىپ، پىراۋا ئىمتىھانىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىش ھاجەتسىز بوپتۇ، ئۆيىمىز ئەتراپىدىلا بېجىرگىلى بولىدىكەن، بۇنداق بولسا راستىنلا قولايلىق ئىكەن.»

  شۇ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر ئاھالىسىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى سالامەتلىك تەكشۈرۈشى، مۇددىتى توشۇپ كىنىشكا ئالماشتۇرۇش سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچى تارماقلىرى «قاتناش ساقچى-پوچتا- سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەمكارلىقىنى يولغا قويغان، شەھەر ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، ماتېرىياللىرىنى پوچتىخانىغا تاپشۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدىكەن.

  قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى جاڭ دەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مۇددىتى توشۇپ كىنىشكا ئالماشتۇرۇشنى مىسالغا ئالساق، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن، شوپۇر پەقەت پوچتىخانىغا بېرىپ، كەسىپ بېجىرىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى پوچتىخانىغا تاپشۇرسا ھەمدە پوچتىخانىغا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسىلا بولىدۇ. قاتناش ساقچى تارماقلىرى كەسىپنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن پىراۋىنى كەسىپ بېجىرگۈچى پوچتىخانىدا قالدۇرغان ئادېرىسقا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، نەق مەيدانغا كېلىش ھاجەتسىز» .

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ھازىر مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى شەرقىي گۇمۇدى يولى پوچتا ئىدارىسى ۋە قاتناش ساقچى-پوچتا- سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى «قاتناش ساقچى-پوچتا- سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەمكارلىقىنىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ھەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى يەنە شەھەر بويىچە «قاتناش ساقچى- پوچتا- سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر