باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»دە، ئامېرىكا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چاۋشيەنگە بولغان ياخشى نىيىتى ۋە ھۆرمىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك، دېيىلدى

2018.08.07 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» 6- ئاۋغۇست ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە يېقىنقى مەزگىلدە قوزغالغان چاۋشيەننى جازالاش، بېسىم ئىشلىتىش جامائەت پىكرى دولقۇنىنى تەنقىدلەپ، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە − ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، بولۇپمۇ ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياخشى نىيىتى ۋە ھۆرمىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىشەنمەسلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، چاۋشيەن-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى، ياخشى نىيىتى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىشى ھەمدە سەمىمىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، شىمالىي قىسىمدىكى يادرو سىنىقى مەيدانىنى تاشلىۋىتىشتىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكىچە، چاۋشيەن سەمىمىي ياخشى نىيىتى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى. ئەكسىچە، ئامېرىكا پەقەت ئاغزىدىلا مۇناسىۋەتنى ياخشىلايمىز، دەپ قويدى، ئەمما ئەمەلىيىتىدە قىلماي، ھەتتا قارشى يۆنىلىشتە ئىش كۆردى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەريانىدىكى ئۇ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى چاۋشيەن تەرەپ ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا يولۇققان ئوڭۇشسىزلىق دەپ قارايدۇ، كەلگۈسىدىكى ھەممە ئىشلار ئامېرىكا تەرەپنىڭ «جازالاش، بېسىم ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت بۇ كونا تاش قورال دەۋرىدىكى تاش پالتىلارنى تاشلىيالىشى ياكى تاشلىيالماسلىقى ھەمدە قانچىلىك ئىشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش قىياپىتىنى نامايان قىلالىشىغا باغلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر