باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى خۇ چۈەنشياڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ

2018.08.07 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى خۇ چۈەنشياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  خۇ چۈەنشياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  خۇ چۈەنشىياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1967- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي چۇجودىن، 1987 -يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1985- يىلى 10- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1985- يىلى 10- ئايدىن 1996- يىلى 6- ئايغىچە قوراللىق ساقچى قىسىم ئەنخۇي باش ئەترىتىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، ھەربىي سەپتە جەڭچى، پەيجاڭ، مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ۋە ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە، 1989- يىلى 9- ئايدىن 1991- يىلى 7- ئايغىچە قوراللىق ساقچى قىسىم خېفېي كوماندىرلار مەكتىپى ئارقا سەپ كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  1996- يىلى 6-ئايدىن 1997- يىلى 5- ئايغىچە قوراللىق ساقچى قىسىم شەنشى باش ئەترىتى ئۈچىنچى تارماق ئەترىتى ساقچى ئالاقىسى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان؛

  1997- يىلى 5- ئايدىن 2006- يىلى 10- ئايغىچە ئەسلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم شىئەن ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باش ليەن دەرىجىلىك تەپتىش، مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك تەپتىش، باش يىڭ دەرىجىلىك تەپتىش ۋە مۇئاۋىن تۈەن دەرىجىلىك تەپتىش بولغان (بۇ مەزگىلدە، 1997- يىلى 9- ئايدىن 2000- يىلى 7- ئايغىچە شىئەن سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2006- يىلى 10 -ئايدىن 2010- يىلى 9- ئايغىچە شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە نازارىتى ئىككىنچى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە خادىمى بولغان؛

  2010 - يىلى 9- ئايدىن 2011- يىلى 12- ئايغىچە خەنجۇڭ شەھىرى خەنتەي رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2011- يىلى 12- ئايدىن 2013- يىلى 4- ئايغىچە خەنجۇڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قوشۇمچە خەنتەي رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2013 - يىلى 4- ئايدىن 2015- يىلى 6- ئايغىچە شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە نازارىتى، ئۆلكىلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (باشقارما دەرىجىلىك) ؛

  2015- يىلى 6- ئايدىن 2018- يىلى 1- ئايغىچە شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە نازارىتى، ئۆلكىلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر