خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇيجۇ ئۆلكىسى پەنجۇ شەھەرلىك ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، 6- ئاۋغۇست سائەت 10 ئەتراپىدا، پەنجۇ شەھىرىنىڭ زىمۇجيا كۆمۈر كېنىدا بىر قېتىملىق كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، تۆت ئادەم قازا قىلغان، توققۇز كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.
نۆۋەتتە، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلەنمەكتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى