باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو-ئامېرىكا ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى نانو ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى

2018.08.07 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە، بىر خىل نانو دانىچىسىنى، يەنى تارقىلىشچان زۇكامغا تاقابىل تۇرۇش ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. مەزكۇر ۋاكسىنىنىڭ كىچىك چاشقانغا ئىشلىتىلىپ تەجرىبە قىلىنىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ۋاكسىنا ئارقىلىق، ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ تەتقىق قىلىپ چىقىلىشى ئۇنىۋېرسال تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىلىشى ئۈچۈن يېڭى پىكىر يولى ئېچىپ بەردى.

  يېقىندا ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل دانىچە بولسا، قوش قەۋەتلىك پولىپېپتىدتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تەقلىد قىلىپ بىئو سىگنال چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئۇ ۋاكسىنا ئارقىلىق، قوش ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە پەيدا قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ خىل ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن، كۆپ خىل A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان چاشقانلار تامامەن ھايات قالغان، ئەمما بەزلەش دورىسى ئەملىنىلگەن كىچىك چاشقانلار بىردەك بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

  تەجرىبە جەريانىدا، بۇ خىل ۋاكسىنا ئىلگىرىكىدەك مۇسكۇلغا ئۇرۇشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە ئەملەش ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئېرىشچان مىكرو يىڭنە چاپلاقنى تېرىگە چاپلاش ئارقىلىق تېرىگە چاپلاپ ئەملىنىدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى، بۇ خىل رېئاگېنت بېرىش ئۇسۇلى دورا ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدىكەن، ھەمدە دورا ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزۇن تۇتالايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر