باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ قىسمەن ئىمپورت تاۋارلىرىدىن (2-تۈركۈم)دە تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالغانلىقىغا قارىتا، دۆلىتىمىزنىڭ سودا ئارقىلىق قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقىنى يېشىپ چۈشەندۈردى

ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار

2018.08.07 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم ئىمپورت تاۋارلىرىدىن (2-تۈركۈم)دە تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى قارار قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان قارشى تەدبىرلەر بىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇشتىكى قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداش، دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى قوغداشتىكى قانۇنلۇق تەدبىر، قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار.

  جۇڭگو تەرەپنىڭ پەرقلىق باج نىسبىتى ئارقىلىق قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئاقىلانە ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا قوللىنىلغان

  11-ئىيۇل، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تەخمىنەن 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋاردىن %10 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. 8-ئاينىڭ 2- كۈنى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى باياناتىدا، باج ئېلىش نىسبىتىنىڭ %10دىن %25كە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەدبىرلىرىگە قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان 5207 باج تۈرىدىكى تەخمىنەن 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋاردىن %25، %20، %10، %5 كىچە ئوخشاش بولمىغان تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى قارار قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرىنى يولغا قويسا، جۇڭگو تەرەپ يۇقىرىقى تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى چېن ۋېنلىڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئۆز ئالدىغا سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۇ، تىپىك سودا پوپوزىسى.» جۇڭگو تەرەپنىڭ قارشى تەدبىرلەرنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا پوپوزىسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، چەكلەش، قايتۇرما زەربە بېرىش ئىرادىسى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر