باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئۇزاق ئۈنۈملۈك بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2018.08.02 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «2018-يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار ۋە مەكتەپلەردىن دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى ھەر قايسى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى كەم-كۈتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدە قانۇنىي ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئۇزاق ئۈنۈملۈك بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىراجەت سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مۇئاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلىمىزنىڭ 34-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولۇپ، بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا «ئوقۇتقۇچىلىق ئالىيجاناب ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئەخلاق ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 2018- يىللىق دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى باھالاش-تەقدىرلەش، مەملىكەتلىك ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرىنى سايلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى جايلار «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى»نى ئىزچىل ھالدا يولغا قويۇشتىكى پىكىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ۋە ئەسقاتىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى پائالىيەتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك؛ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى نەمۇنىچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە تەقدىرلەپ، ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر