باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ساياھەتچىلەرنى يۆتكىدى

قاپسىلىپ قالغان 39 جۇڭگولۇق ساياھەتچى بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلدى

2018.08.07 16:45   مەنبە: خەلق تورى

ھىندونېزىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ساياھەتچىلەرنى يۆتكىدى

  سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر ھىندونېزىيەنىڭ لومبوك ئارىلى ئەتراپىدىكى تراۋانگان ئارىلىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا پاراخوتقا چىقىپ، چېكىنىشنى كۈتمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ 6-ئاۋغۇست دېيىشىچە، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي نۇساتېڭگارا ئۆلكىسىدىكى لومبوك ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللاردا قاپسىلىپ قالغان 3043 ساياھەتچى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىندۈرۈلگەن. شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ دېنپاساردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگولۇق 39 ساياھەتچى ئاللىقاچان بىخەتەر رايونغا يۆتكەلگەن.

  لومبوك ئارىلىدا 5-ئاۋغۇست 7.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، لومبوك ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر نەچچە ئاۋات ساياھەت ئاراللىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، نۇرغۇن ساياھەتچى قاپسىلىپ قالدى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇش مەركىزى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى، ھەربىي، ساقچى ۋە شۇ جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتى قاتارلىقلار دەرھال جىددىي چېكىنىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ 6- ئاۋغۇست كەچتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 3043 ساياھەتچى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىنىدۈرۈلگەن، لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئاراللاردا يەنىلا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر چېكىنىشنى كۈتمەكتە ئىكەن.

  ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو 6- ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مۇنداق دېدى: 5- ئاۋغۇست لومبوك ئارىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئاز دىگەندە 98 ئادەم قازا قىلدى، 236 ئادەم يارىلاندى، نەچچە مىڭ ئىمارەت بۇزۇلدى، نەچچە مىڭ يەرلىك ئامما جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى. قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ