8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدىكى تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتوم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئاق كەپتەرلەر ئاسماندا پەرۋاز قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرى 6- ئاۋغۇست تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدا ئاتوم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، خىروشىما شەھەر ئاھالىلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم قاتنىشىپ، قازا تاپقانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ مەڭگۈ تىنچ بولۇشىنى ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەچچە يۈز ئامما پائالىيەت نەق مەيدانى ئەتراپىغا يىغىلىپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى ھەمدە ئابى شىنزو كابېنتىنىڭ باش بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش غەرىزىنى قەتئىي توسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى