باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى «بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق كارخانىسىدىن يەنە تەخمىنەن 1000ى چېكىنىپ چىقىدۇ

2018.08.06 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش 2020-2018 يىللىق ھەرىكەت پىلانى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2020-يىلىغا بارغاندا، بېيجىڭدا «تارقاقلاشتۇرۇش، تۈزەش، ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى» داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پايتەختنىڭ فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، يەنە ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىدىن 1000ى چېكىندۈرۈلۈپ، «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت كارخانىلارنى تازىلاش» ھەرىكىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن؛ بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى، بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ سودا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ كىنو ئىنسىتىتۇتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، بېيجىڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، بېيجىڭ شەھىرى شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە قوللاپ، بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنىڭ ئالمىشىپ تەرەققىي قىلىشى، ماس ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئىككى قاناتنىڭ تەڭ ئۇچۇشىدەك جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بىر تەرەپتىن، شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تۈرلۈك پىلانلىشىنى زىچ تۇتاشتۇرۇپ، شيوڭئەن يېڭى رايونىدىكى ئۈچ مەكتەپ ۋە بىر ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سېلىنىشىنى قوللاپ، شيوڭئەن يېڭى رايونى جۇڭگۇەنسۇن پەن-تېخنىكا باغچىسى، بېيجىڭ-شيوڭئەن شەھەرلەر ئارا قاتنىشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، شەھەر قوشۇمچە مەركىزى مەمۇرىيەت خىزمەت رايونى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ۋە يانداش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، مەمۇرىي خىزمەت رايونىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنى مەمۇرىي خىزمەت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىشتىن شەھەر ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر