جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مولېكۇلا ئۆسۈملۈك مەركىزى / ئۆسۈملۈك ئېكولوگىيەسى ئورنىنىڭ بىرىكمە بىئولوگىيە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدا، تەن جوڭجۈن ئەترىتى بىللە ئۆگىنىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرماقتا (7-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1965-يىلى، ئېلىمىز ئالىملىرى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تەبىئىي مولېكۇلا بىلەن ئوخشاش خىمىيەلىك قۇرۇلمىدىكى مۇكەممەل بىئولوگىيەلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ئاقسىل − كىرىستال كالا ئىنسۇلىنىنى سۈنئىي بىرىكتۈرۈپ چىقىپ، ئاقسىلنى سۈنئىي سىنتېزلاش دەۋرىنى ئاچقان ئىدى. 50 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز ئالىملىرى خەلقئارالىق ئىلمىي ئايلىق ژۇرنال «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، سۈنئىي ھاياتلىق ئاكتىپلىقى بار يەككە خروموسومالىق ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىنى تۇنجى قېتىم سۈنئىي ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بىرىكمە بىئولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى