باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارغا ئامېرىكىنىڭ قارشى تەدبىر قوللانماقچى بولغانلىقى ھەققىدە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۆھبەت بايان قىلدى

2018.08.06 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگودىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتلارغا %10 تاموژنا بېجى قوشۇشتىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان تىزىملىكى ئاساسىدا، باج ئېلىش نىسبىتىنى يەنە %10تىن %25گە ئۆستۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 3-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتتىن قانۇن بويىچە تۆت دەرىجە بويىچە ئوخشىمىغان باج نىسبىتى بويىچە تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى قارار قىلدى.

  ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پەرقلىق باج نىسبىتى بويىچە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئىنتايىن ئاقىلانە ۋە تەمكىنلىككە ئىگە بولۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ۋە تەسىرىنى ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ خەلقنىڭ پاراۋانلىقى، كارخانىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى ۋە يەر شارىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئامىللار تولۇق ئويلىشىلغان. باج ئېلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش ۋاقتى ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو باشقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىقىرىش ھوقۇقىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ.

  ئاخبارات باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدا مەسلىھەتلىشىشنى سودا ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، دەپ قارايدۇ، ھەمدە ھەر قانداق شەكىلدىكى بىر تەرەپلىك تەھدىت سېلىش ياكى پوپوزا قىلىش پەقەت زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: ئامېرىكا ئىككى تەرەپتىكى كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارىماي، ۋەقەنىڭ دەرىجىسىنى قايتا-قايتا ئۆستۈردى، جۇڭگو تەرەپ ئۇنىڭغا قارشى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنى قوغدايدۇ، ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر