باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇشتا «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.08.03 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 2-ئاۋغۇست مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇشنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كۆرۈنمە چاستوتا ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇشنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئومۇميۈزلۈك بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 9- ئاينىڭ 1-كۈنى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  بۇ يىل 6-ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاددى، تېز بېجىرىش، توردا بىر تۇتاش بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرگىلى بولۇش قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇشتىكى 20 تۈرلۈك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى يېڭى تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، «ئىلتىماس ماتېرىيالىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش»، «18 خىل كەسىپنى بىر گۇۋاھنامىدە بېجىرىش»، «بىر كۆزنەكتە بېجىرىش»، «مۇلازىمەتسىز بېجىرىش»، «توردا بېجىرىش» قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇشتىكى سەككىز تۈرلۈك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى تەدبىرلىرى تەلەپ بويىچە 36 چوڭ شەھەردە باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى جايلاردىن چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۈرۈشلەشكەن كاپالەت، ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 20 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر