سۈرەتتە: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ باشقىچى كەنتىدە، چىڭداۋ ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تامغا «تەڭرىتاغنىڭ تۆت پەسلى» ناملىق رەسىمنى سىزماقتا (21-ئىيۇل فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، چىڭداۋ ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 17 نەپەر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىسى خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 11 كۈنلۈك مائارىپقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى تاماملاپ، قايتىش يولىغا قەدەم قويدى. بىراق، ئۇلار توغراقمازار كەنتىدىكى تامغا سىزىپ قويغان دېڭىز دولقۇنلىرى، خادا تاشلار، ئاسما كۆۋرۈك، دېڭىز ساھىلى قاتارلىق مەنزىرىلەر قۇملۇقتىكى بۇ كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە دېڭىز ۋە قۇملۇقنىڭ ھېكايىسىنى ساقلاپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى