باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

2018.08.06 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8–ئاينىڭ 4–كۈنى، 6–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا تەييارلىق قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى «بىخەتەر، تەرتىپلىك، قىزغىن، دوستانە» كاتتا مەرىكە قىلىپ ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8–ئاينىڭ 30–كۈنىدىن 9–ئاينىڭ 1–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «<بىر بەلباغ، بىر يول> __ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى تەييارلىق قىلغۇچى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى بويىچە، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ۋە ۋەزىپىنى تاماملاش مۇددىتىنى بىرمۇبىر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك، نۇقسانسىز ئىشلەشكە تىرىشىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، 6–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق ۋەزىپىلىرىنى كەم–كۈتىسىز ياخشى ئورۇنداپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى توپلاپ كۆرگەزمىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا سەۋىيە بويىچە ياخشى خەلقئارا ئوبرازنى، شىنجاڭدىكى قىزغىن، مېھماندوست ھەر مىللەت خەلقنىڭ دوستانە پوزىتسىيەسىنى ۋە ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى نامايان قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرى، نىشانلىق كۈتۈۋالغۇچى ئورۇنلار، پىدائىيلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر