باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق 12 تارماق بىرلەشمە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرى قاتارلىقلارغا زور كۈچ بىلەن يار-يۆلەك بولۇشتىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.08.03 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ھەربىي ئورۇنلارنىڭ 12 تارماقلىرى بىرلىشىپ، «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر بولسا، مۇھىم ئادەم كۈچى بايلىقى، ھەمدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان يېڭى دەۋردىكى خىزمەتلەردە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكە بولۇشى، سىياسەتنىڭ ئەۋزەل بولۇشى، بازارنىڭ يېتەكلىشى، ئېھتىياجنىڭ يېتىلەپ مېڭىشى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاش، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىش، جەمئىيەت مەدەت بېرىش، كۆپ تەرەپلىمە قاتنىشىش قاتارلىقلاردا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغاپ ۋە ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش تىپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە يۆلەش سىياسىتى ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، يەنە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ خىل مائارىپ تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر تەربىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەر قاتارلىق مائارىپ بايلىقلىرىغا تايىنىپ، رەسمىي ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تەربىيەلەشنى جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىدار ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلارنىڭ يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى جەھەتتىكى چەكلەرنى مۇۋاپىق ھالدا قويۇۋېتىپ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئۇلارنى ئالدىن ئويلىشىپ قوبۇل قىلىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىچىدىكى دۆلەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان كارخانىلارغا، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋالدا باجدا ئېتىبار بېرىشتەك سىياسەتتىن ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كېيىنكى مەزگىللىك ئىز قوغلاپ يۆلەشنى يولغا قويۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئۇلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر