باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە بازىرىدا «قەغەزسىز» يول يۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2018.08.02 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەييا شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە بازىرىدىكى ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، «قەغەزسىز» سەپەرگە چىقىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، سەپەرگە چىققان يولۇچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ APP ياكى خاڭلۈ جۇڭخېڭ (航旅纵横APP) نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش- ئورۇن تاللاش-ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىغا ئېرىشىش- بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتە دەلىللەش (كىملىك، ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى)-ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدا كودنى سىكاننېرلاپ دەلىللەش ئارقىلىق، پۈتكۈل جەرياننى تاماملىيالايدىكەن. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، يولۇچىلار پەقەت يان تېلېفوندىكى ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى كۆرسەتسىلا نورمال ئۆتۈپ، ئايروپىلانغا «قەغەزسىز» چىقىشنى تاماملىيالايدىكەن. ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنە APPدە ھاسىل بولغان ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى يولۇچىنىڭ خەت ساندۇقىغا يوللاپ بېرىپ، يولۇچىلارنى ئاتچوت دوكۇمېنتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر