باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن

2018.08.02 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت بالىلار فوندى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن 78 مىليون بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇ بوۋاقلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتى ياكى كېسەللىك خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  «پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك» دېگەن ماۋزۇلۇق بۇ بىر پارچە دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتى بوۋاقنىڭ «تۇنجى ۋاكسىنىسى»دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى ئۇ مول ئوزۇقلۇق ۋە ئانتىتېلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا، تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تاپمىغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن كىرىملىك ياكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىكەن. ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ 76 دۆلەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ بايقىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تاپماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا، ھازىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يېمەكلىكلىرىنىڭ بازارنى قاپلاپ كېتىشى، ئوغۇز سۈتىگە سەل قاراش ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار پەرۋىش قىلىش بەلگىلىمىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇندىن باشقا، قورساقنى يېرىپ تۇغۇشنى تاللايدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەن.

  دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: قورساقنى يېرىپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە، دەسلەپكى مەزگىلدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان. مىسىردا، قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە، ئاران %19ى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان، ئەمما ئۆزى تۇغقانلارنىڭ ئىچىدىمۇ بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى ئاران %39گە يەتكەن.

  ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2018- يىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نومۇر كارتىسىنى ئېلان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈندەپ، بارلىق ئانىلارنىڭ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشىغا ياردەم بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر