باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى يەتتە مىليون 520 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 170 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىشەنچىمىز، قابىلىيەتىمىز ۋە شارائىتىمىز بار

2018.08.03 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. بۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ھالدا يۈرۈشۈشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا پائال تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ھەرىكىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭ تاشقى مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى. 7- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى مەسىلىلەر ۋە يېڭى خىرىسلار ئالدىدا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قېزىپ چىقىش كېرەك؟

  ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بەش چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى داۋاملىق زورايتىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى يەتتە مىليون 520 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 170 مىڭ ئادەم ئاشقان. 6- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 430 مىليون ئادەمدىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 5 مىليون ئادەم كۆپەيگەن. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۇقراۋى ئىگىلىكلەر تېز سۈرئەتتە ئاشتى، يېڭى كەسىپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھالىتى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىكى كەسىپكارلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.2 ئاشتى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 3-كەسىپكە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

  نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۇراقلىق بولۇش ئاساسىدا ئۆرلىدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، 2018-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توختام ئىمزالاش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن 910 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 مىڭ ئادەم ئاشتى. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. پولات-تۆمۈر، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستى، ئىش ھەققى سەۋىيەسى داۋاملىق ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلاردىكى كەسىپكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.1 ئاشتى. دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونتروللىقىدىكى كارخانىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مەبلەغچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ خىزمەت توختامى ئىمزالاش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ خىزمەت توختامى ئىمزالاش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 پىرسەنت پوئېنت ئەتراپىدا ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر