سۈرەتتە: قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ساياھەتچىلەر ۋە كونا شەھەر ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى (11-ئىيۇل فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەرخىل مەنزىرىلەر كىشىنى مەپتۇن قىلماقتا. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيەت بايلىقى مول، بىپايان قۇملۇق، ياپيېشىل بوستانلىق، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ قاتارلىق نۇرغۇن يېڭىچە خاس ساياھەت بايلىقى بار بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سېھرى كۈچكە ئىگە.
سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2017- يىلى، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 107 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئاشقان، ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى 182 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، %30 ئاشقان. نۆۋەتتە، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى