باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق شىنجاڭدىكى ئېغىر قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى

2018.08.02 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 2دە، دۆلەت ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىر قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى ئەھۋالىغا قارىتا، دۆلەتنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۆتىنچى دەرىجىلىك تەدبىرىنى يولغا قويدى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەھكىمىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى دەرھال ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يەرلىكلەرنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خادىملارنى ئىزدەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەۋەتىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت 6 دىن سائەت 9دىن 30غىچە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسىدا ئۇشتۇمتۇت قارا-يامغۇر يېغىپ، ئۇنىڭدىن ئېغىر دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى كېلىپ چىققان ئىدى. نۆۋەتتە، ئاپەت ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ ئىگىلىنىۋېتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر