سۈرەتتە: 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تېز پويىزى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئون يىل بۇرۇن، 2008-يىلى 8- ئاينىڭ 1-كۈنى، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا قۇرغان ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرلىق تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول − بېيجىڭ- تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تېز پويىزىدا قاتناش باشلىنىپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويدى.
ئون يىلدىن بۇيان، بوخەي دېڭىزى بويىدىن غەربىي قىسىمدىكى چۆللۈككىچە، ئوتتۇرا قىسىمدىكى تۈزلەڭلىكلەردىن غەربىي جەنۇبتىكى تاغلارغىچە، شەرقىي شىمالدىكى قارلىق دالادىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتىغىچە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللىرى توردەك يېيىلىپ، يۈرۈش مۇساپىسى 25 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يۈرۈش ئومۇمىي مۇساپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى. ھەممە يەرگە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى يېڭى سۈرئەت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېڭى يۈكسەكلىكىنى يارىتىپ، جۇڭگونى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى