باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەخسىيلەرنڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى 700 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈلدى

2018.08.02 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەخسىيلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى 500 مىڭ يۈەندىن 700 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈلدى.

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزى «شەخسىيلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسى چېكىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەخسىيلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن 700 مىڭ يۈەنگە تەڭشەلدى. يەنى، ناۋادا شارائىت يار بەرسە، ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۆي سېتىۋالغاندا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 700 مىڭ يۈەن قەرز ئالالايدۇ.

  ئۇنىڭدىن سىرت، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، باشقا جايدىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندى مەركىزىدە پۇل تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈرۈمچىدە تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالسا، تولۇق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرسە بولىدۇ.

  بۇ، باشقا جايدىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندى مەركىزىدە پۇل تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈرۈمچىدە تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالسا ياكى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى ئىلتىماس قىلسا، پەقەت ئۆزى پۇل تاپشۇرغان جايدىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ «سىرت جايدا قەرز ئالغۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتى» ياكى «تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش ئىسپاتى» (ئىسپات مەزمۇنى چوقۇم تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېساباتىنى ئاچقان ۋاقتى، يېقىنقى يېرىم يىللىق فوند تاپشۇرۇش ئەھۋالى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى ئېلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار)نى تەمىنلىسىلا، ئۈرۈمچىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر