باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۇنجى قېتىم CUFAنىڭ مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى

2018.08.02 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، 2017-، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى (CUFA)نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شاڭخەي تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلدى، كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن نەنچاڭ تېخنىكا ئىنىستىتۇتى كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  نەنچاڭ تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، خوخخۇت مىللىي ئىنىستىتۇتى كوماندىلىرى ئايرىم-ئايرىم بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ 2-ۋە 3-لىكىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىرېنېرى ئابلەت ئابلا ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرېنېر نامىغا، پۇتبولچى ئېرپان ھاشىم MVP (ئەڭ قىممىتى بار توپچى) شان-شەرىپىگە ئېرىشتى.

  گۇرۇپپا باسقۇچىدىن باشلاپلا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى يۇقىرى سەۋىيەدە رەقىبلىرىنى يەڭدى، ئالدى بىلەن 4 دە 0 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى، ئارقىدىن نۇقتا توپ جېڭىدە 5 تە 4 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يەڭدى. ئۈچىنچى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، 4 دە 1 نەتىجە بىلەن چېڭدۇ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپىدىن 1-بولۇپ چىقتى. شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن گۇاڭدۇڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى قايتا ئۇچراشتى ۋە ئاخىرىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 6 دە 5 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن ئىچكى موڭغۇل يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر