باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماق پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزىمەكچى

2018.08.02 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى 7- ئايدىن 2019- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرغىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماق قانۇن، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقچى بولدى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەت ئارقىلىق، سودا تىجارەت تۈرىدىكى، يامان نىيەتتە پاراكەندىچىلىك قىلىش تۈرىدىكى ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەت تۈرىدىكى پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا تۈزىمەكچى. بۇ مەخسۇس ھەرىكەت مەزگىلىدە يەنە خەۋەرلىشىش بايلىقىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەخسىي ئۇچۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشىشتەك قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرىنىڭ مەنپەئەت زەنجىرىنى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۈزۈپ تاشلاپ، سودا تىجارەت تۈرىدىكى تېلېفونلارنى ئۆلچەملىك ئۇرۇش، يامان نىيەتتە پاراكەندىچىلىك قىلىدىغان ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەت تۈردىكى تېلېفونلارنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىشتەك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر