خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، خېرىدارلار ئامېرىكا نيۇيوركتىكى بىر ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا مال سېتىۋالماقتا.
شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %2.92 ئۆرلەپ، ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 207.39 ئامېرىكا دوللىرىدا توختىدى. شۇ كۈندىكى بازار يىپىلىش باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى ئاللىقاچان 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئامېرىكا ئاكسىيە تارىخىدا پاي چېكى بازارغا سېلىنىپ تۇنجى بولۇپ بازار قىممىتى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن شىركەت بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى