باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆز نۇقسانى نىسبىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن

2030- يىلىغا بارغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆز نۇقسانى نىسبىتى %38تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك

2018.08.03 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە تۈزىگەن «بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆز نۇقسانىنىڭ ئالدىنى ئۇنىۋېرسال ئېلىش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)دە، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى، ھەمدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلدى، يەنى 2030 - يىلىغا بارغاندا، ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %38دىن تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈرۈشنى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %60دىن تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈرۈشنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %70دىن تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈرۈشنى، ئوقۇغۇچىلار تەن ساغلاملىق ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىشىدىكى مۇنەۋۋەر نىسبىتىنىڭ %25تىن يۇقىرى بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەزكۇر لايىھەنىڭ نىشانى بولسا، 2023- يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىنى 2018– يىلىدىكى ئاساستا ھەر يىلى 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىشنى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك نۇقسانى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۆلكىلەردە، نىسبەتنى ھەر يىلى بىر پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك ئىكەن. 2030- يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭىدىن بايقالغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر