باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 29 خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ

2018.08.03 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارمىقى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: شوپۇرلار خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا بېرىپ، ئېلېكتىرونلۇق ساقچى ئاپپاراتى تارتقان سۈرەتنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە 29 خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.

  بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي ۋوگزال بېكەت ئالدى كوچىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا تۇنجى قېتىم قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش بىر تەرەپ قىلىنغاندىن بۇيان، ئەتراپتىكى كارخانا ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى زور دەرىجىدە قاندۇرۇلدى. كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ھەر قايسى رايون (ناھىيە) جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، شەھەر رايونىغا بىر ئاز يىراق، لېكىن ئەتراپىدا نوپۇس بىر قەدەر مەركەزلەشكەن ساقچى ئىشلىرى پونكىتلىرىنى تاللاپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە پونكىت ئىچىدە خادىملارنى تەربىيەلىدى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، ئۈرۈمچىدە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىن جەمئىي 29ى بار بولدى.

  قوشۇمچە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويغان ساقچى ئىشلىرى پونكىتى تىزىملىكى:

  تەڭرىتاغ رايونى: فۇكاڭ كوچىسى TS081ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، قىزىل تاغ يېڭى ئەسىر (新世纪) TS241 ساقچى ئىشلىرى پونكىتى.

  سايباغ رايونى: ئاشلىق جەنۇبىي مەھەللە ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ قىزىل بۇت مەھەللىسى كاپالەتلىك تۇرالغۇ ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ شىشىڭ مەھەللىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ جيۇدىڭ بازىرى غەربىي چوڭ دەرۋازىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى.

  يۇقىرى-يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى): 2-توقۇمىچىلىق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ ئەنەنچۈ بازىرى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ خۇجۇ يولى غەربىي مەھەللىسى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ شەرقىي جياڭسۇ يولى بىلەن چاڭشا يولى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى.

  بۇلاقتاغ (شىمىگو) رايونى: ئارىشاڭ SM-148 خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ ئارىشاڭSM-94 خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ پامىر كوچىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ ئارىشاڭ غەربىي يولى 8-ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە مەكتىپى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى.

  مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى: ئۈچ توسما بازىرى كىچىك باغ سەيلىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ چاڭشەنزى بازىرى 171-نومۇرلۇق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ 118-نومۇرلۇق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ 89-نومۇرلۇق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ گەنچۇەن يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئولتۇراق رايونى شىندا مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى.

  ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى): تاشئالما ئابىدە ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تېخنىكا باغچىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر زاۋوتى 7-ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ غەربىي پويىز ئىستانسىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر شەھىرى مەيدان ساقچى پونكىتى.

  داۋانچىڭ رايونى: ۋېيلەن يېڭى كەنتى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ ئۇلانباي بازىرى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ سايئوپا مۇچ توخۇ قورۇمىسى كوچىسى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى: تولى يېزىلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى؛ يۇڭفېڭ يېزا-بازار ساقچى ئىشلىرى پونكىتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر