باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك ئومۇمىي سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6 ئاشتى

مەبلەغ سېلىش مۇقىم، پۇرسەت كۆپ، يوشۇرۇن كۈچ زور، بوشلۇق دائىرىسى كەڭ بولدى (ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى يىل ئوتتۇرىسىدا كۆرۈش)

2018.08.06 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31-ئىيۇل ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا «ئالتە مۇقىم بولۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم بولۇشىنى «مۇقىم دېفورماتسىيە»گە ئايلاندۇرۇشتەك مۇھىم تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا نەزەر سالغاندا، كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6 ئاشقانلىقىغا، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ۋە ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىغا دىققەت قىلدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى جاۋ پېييا مۇنداق دېدى: «يىل بېشىدىن بۇيان مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە قارىتا جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدەك يۈرۈشۈش ھالىتى ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى.»

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى مۇقىملىقتا ئۆزگىرىش بولماقتا، كېيىنكى يېرىم يىلدا، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم بولۇشىدا قانداق قىلىش كېرەك؟

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيەنچېڭ مۇنداق دېدى: «تاشقى مۇھىتتا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، نۆۋەتتە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تاشقى يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلگەن زەربىگە تاقابىل تۇرۇش لازىم، مەبلەغ سېلىشنى مۇقىم قىلىش ناھايىتى زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتە.»

  − مەبلەغ سېلىش مۇقىم بولۇپ، كەمتۈكلۈك بار ساھەلەر كۈچىنى زورايتتى. بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى. جاۋ پېييا: «ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يەنىلا خېلى كۆرۈنەرلىك مەبلەغ سېلىش بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچى بار، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىدە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش يەنىلا بىرقەدەر تېز ئاشىدۇ.» ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن مەقسەتلىك سېلىنما ۋە قىلماقچى بولغان قۇرۇلۇش سېلىنما تۈر سانىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ھالەتنى ساقلىشىدىن ئۈمىد بار.

  __ مەبلەغ سېلىش مۇقىم بولۇپ، ئەلئارا مەبلەغ سېلىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزدە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان بولۇپ، بۇ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇقەررەر ھادىسە. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئەلئارا سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %58.9 بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، بارلىق سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى % 81.5كە يەتتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يەن پېڭچېڭنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئۈچ چوڭ ئىجابىي سىگنالنى ئەكىس ئەتتۈرىدىكەن: بىرىنچى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشتى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ مەنبەسى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى؛ ئىككىنچىدىن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچى گۈللىنىش دائىرىسى ئىچىدە بولۇپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچىمۇ بىر قەدەر نورمال سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىندى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسى بىر قەدەر يېتەرلىك بولۇپ، مۆلچەرى ياخشىلاندى. ئۈچىنچىدىن، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش زاپاس كۈچىنى ئاشۇردى.

  __ مەبلەغ سېلىش مۇقىم بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش بوشلۇقى كەڭ بولدى. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت − خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭ بولمىغان، يېتەرلىك بولمىغان تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بولۇپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىمۇ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى ھالقىلىق نۇقتىدا تۇرماقتا، يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى تۇتۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي چېكىندۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش جىددىي زۆرۈر بولماقتا. ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىدىن 6.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى كەسىپ ئىگىلىكى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ چاڭۋېن مۇنداق دەپ قارىدى: سېلىنمىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم بولۇشى نوقۇل ھالدا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا ئەمەلىي تۈرتكە بولۇشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر