باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى سۆھبىتى باشلاندى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

2018.08.06 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى دۆلەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى سۆھبىتى قاتارلىق كۆپ خىل خىزمەتلەرنى باشلاپ، راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، دۆلەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرمەكتە. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى سۆھبىتى خىزمىتى بۇيىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى راكقا قارشى دورىلار جەھەتتە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئۆلكە دەرىجىلىك راكقا قارشى دورىلارنى مەخسۇس تۈرلۈك مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بەزى كارخانىلار بىر قىسىم دورىلارنىڭ باھاسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلەتكەن بولۇپ، گەنسۇ ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى دورا سېتىۋېلىش سۇپىسى ئۈستىدە توردا سېتىلىدىغان بىر قىسىم دورىلارنىڭ باھاسى چۈشكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈپەت، باھا ۋە سانلارنىڭ ماس ھالدا ھەمتۈرتكە بولۇشى بويىچە، ھەمدە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش، تەمىنلەش، راسچوت قىلىش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پرىنسىپ بويىچە، تۈرلۈك خىزمەتلەر پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل ياساپ چىقىرىلغان راكقا قارشى دورىلارغا قارىتا، دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى2018- يىللىق ئىجازىتىنىڭ مەخسۇس سۆھبىتى خىزمىتى باشلاندى. داۋالاش ئۈنۈمى ئېنىق ۋە كىلىنىكىدا زۆرۈر بولغان يېڭى دورىلار ۋە ياخشى دورىلارنى سۆھبەت ئارقىلىق مۇۋاپىق باھادا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزدى. نۆۋەتتە، مۇتەخەسسىسلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ باھالاش ۋە تاللاپ بېلەت تاشلاش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، بۇ ھەقتە سۆھبەت قىلماقچى بولغان دورىلارنىڭ دائىرىسىنى بېكىتتى. ھازىر كارخانىلار بىلەن سۆھبەت قىلىش ئارزۇسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتىدۇ. كېلەر قەدەمدە سۆھبەت ماتېرىيالى تەييارلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە كونكرېت سۆھبەت خىزمىتى باشلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان سۆھبەتلەشمەكچى بولغان دورىلارنىڭ ھەممىسى قان ئۆسمە ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئۆسمە قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دورىلار بولۇپ، ئۇلار كلىنكىلىق قىممىتى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرى يۇقىرى ۋە بىمارنىڭ نەپ ئېلىشى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەركە ئىگە بولۇپ، غەيرى كىچىك ھۈجەيرىلەر ئۆپكە راكى،تۈز ئۈچەي راكى، بۆرەك ھۈجەيرە راكى، قارا پىگمېنت ئۆسمىسى، سوزۇلما دانچە ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى، لىمفا راكى ۋە كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان يىلىك ئۆسمىسى قاتارلىق كۆپ خىل راكنى قاپلىغان. سۆھبەت خىزمىتى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

  ئېلىمىزدە 1- مايدىن باشلاپ راكقا قارشى دورا قاتارلىق دورىلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى نۆلگە چۈشۈرۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلار ئاددىي ئۇسۇلدا %3 باج ئېلىش نىسبىتى بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى ھېسابلاپ تاپشۇرۇشنى تاللىسا بولىدىكەن. راكقا قارشى بىر قىسىم ئىمپورت قىلىنغان دورىلارغا ئېلىنىدىغان ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى %3 بويىچە كېمەيتكىلى بولىدىكەن. باج ئېلىش سىياسىتىنى تەڭشەشكە ئاساسەن، ئالدىنقى باسقۇچتا، دۆلەت سۆھبەتلەشكەن راكقا قارشى دورىلارغا چېتىلىدىغان 12 كارخانا دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بويىچە دورىلارنىڭ باھاسىنى قايتا ھېسابلىدى. دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتا ئىدارىسى مالىيە-باج مۇتەخەسسىسى تەشكىللەپ كارخانا ھېسابلاش نەتىجىسىنى بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ياكى توردا سېتىۋېلىش باھاسى ئۈستىدە تولۇقلاش كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېيىنكى قەدەمدە، كارخانىلار پۈتۈشكەن بويىچە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش تارماقلىرىغا باھا تەڭشەش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، راكقا قارشى دورىلارنىڭ تېرمىنال باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر